مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.09.30 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو- ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقى جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنى ئورتاق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشقىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم، زور نەتىجىسىنى قول تۇتۇشۇپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «يولداش قوشۇلغان قېرىنداش»نىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىنى شەرھلەپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. يۇقۇمنىڭ يەر شارىدا يامرىشى ئىنسانىيەت تەقدىرىنىڭ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن قىيىن ئۆتكەلدىن ئورتاق ئۆتەلەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ھەمكارلىق ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تاماملاش ھەم ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ سىياسىيلاشتۇرۇش، نامنى بۇلغاش، بەلگىلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ