خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-سېنتەبىر كەچتە ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىخىدې بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇھىم قوشنا ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى قايتىدىن ئىزىغا چۈشتى ھەمدە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو تەرەپ ياپونىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىدىكى تۈرلۈك پىرىنسىپ ۋە روھقا ئاساسەن، تارىخ قاتارلىق چوڭ-چوڭ سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. مەن سىز بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىمىزنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ