مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئالاقە تورىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش لازىم

2020.09.27 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئالاقە تورى ئارقىلىق «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدا پۈتۈن جەمئىيەتتىن پىكىر ۋە تەكلىپ ئېلىش − دۆلىتىمىزنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، نۇرغۇن ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا رەتلەپ تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل قوبۇل قىلىشى كېرەك. كەڭ خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە تەكلىپلەر كەڭ ھەم كونكرېت بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇ تولۇق ئىپادىلەندى. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى − بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشى − دۆلىتىمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچىدۇر. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئالاقە تورىنىڭ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش جەھەتتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تېخىمۇ ياخشى توپلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىدە ئاشكارا تەدبىر سوراپ، كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزۈش ھەققىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 16-ئاۋغۇستتىن 29-ئاۋغۇستقىچە «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىغا قاراشلىق تورلار، ئاخبارات تېرمىناللىرى، شۇنداقلا «ئۆگىنىش ئارقىلىق دۆلەتنى كۈچەيتىش» ئۆگىنىش سۇپىسىدا «14- بەش يىللىق» يىرىك پىلانغا تەكلىپ بېرىش مەخسۇس سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىن تەكلىپ قوبۇل قىلىندى. پائالىيەت تەرتىپلىك تەشكىللىنىپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، تورداشلاردىن جەمئىي 1 مىليون 18 مىڭ پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىنىپ، «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش پايدىلىق قوللانما بىلەن تەمىنلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ