مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇش، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم

2020.10.09 18:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى جەھەتتە بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى بىزنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پۇل مۇئامىلە جانلانسا، ئىقتىساد جانلىنىدۇ؛ پۇل مۇئامىلە مۇقىم، ئىقتىساد مۇقىم بولىدۇ»، دەپ كۆرسەتتى. پۇل مۇئامىلە زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ يادروسى بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچتۇر، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى − دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش − ھەم ئىقتىسادنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ھەم خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. بۇ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەسلىي مەنبەسىگە قايتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى، بولۇپمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىش ھەمدە بۇنى پۇل مۇئامىلە خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماكرولۇق تەڭشەش- تىزگىنلەشنى ياخشىلاش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئىگىلىدى، پۇل مۇئامىلە ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، خەۋپ-خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ كۆزلىمە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى قاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، پۇل كىرېدىتىنىڭ يېتەكچىلىك مېخانىزمىنى زور كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كىرىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ