مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 72-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22- قېتىملىق يىغىنىنى 13-ئۆكتەبىردىن 17- ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2020.09.30 18:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 72- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 29-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىنى 13- ئۆكتەبىردىن 17-ئۆكتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، تۆۋەندىكىدەك بىر قاتار لايىھەلەر ۋە تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش تەكلىپلىرى سۇنۇلدى: ئۇ بولسىمۇ، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22-قېتىملىق يىغىنىدا، پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ئېكسپورتنى باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسى، دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش لايىھەسى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى لايىھەسى، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش (11) لايىھەسى، مەمۇرىي جازا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى؛ گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى؛ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دېڭىز ساقچىلىرى قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىش تەكلىپلىرى بېرىلدى.


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ