مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-باڭلادىش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ باڭلادىش زۇڭتۇڭى خامىد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ باڭلادىش زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.10.09 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باڭلادىش زۇڭتۇڭى خامىد بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-باڭلادىش دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ، يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت-سائادەت ئېلىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-باڭلادىش ئىككى دۆلەت جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-باڭلادىش دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. مەن جۇڭگو-باڭلادىش مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خامىد بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-باڭلادىش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ