خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ پوياڭ ناھىيەسىدىكى بىر دېھقان قىزىنى ياتلىق قىلىش مۇراسىمىدا، ئەلگەك بىلەن 260 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى ئۇسقان بولۇپ، ئالاقىدار سىن تورداشلار تەرىپىدىن «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» دەپ قارالدى ھەمدە پاش قىلىندى. شۇ جايدىكى ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلدى، يەنە تەشۋىقات تاختىسىدا «قارا تىزىملىك» ئارقىلىق ئېلان قىلدى.
توي كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىش، توي مۇراسىمىنى مۇراسىم تۇيغۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈش، خۇشال كەيپىياتنى گەۋدىلەندۈرۈش ئادەتتىكى ئىش. لېكىن ھەرقانداق ئىش زىيادە بولۇپ كەتسە ئەكسىگە يانىدۇ، بەزى يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەرنىڭ توي مۇراسىمىدا زىيادە ھەشەمەتچىلىك قىلىپ، پۇلنى ئاپئاشكارا كۆز-كۆز قىلىشى، ئاپتوموبىل، ھەتتا ئۆي-مۈلۈكنى «زۆرۈر تويلۇق» قىلىۋېلىشى يەنە بىر ئاشقۇنلۇققا قاراپ ماڭغانلىق بولۇپ، پۇلغا چوقۇنۇش، بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىش بىلەن تولغان، ھەتتا «يۈزىنى ئۇرۇپ ئىششىتىپ، سەمرىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش» ھادىسىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. «يۇقىرى باھالىق تويلۇق سېلىش» ناچار ئادەتنى شەكىللەندۈرىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئۈزلۈكسىز بەسلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى ياشلار «توي قىلالماي» ئاھ ئۇرىدۇ، بەزى يېزا ئاھالىلىرى «توي قىلىش سەۋۋەبلىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىدۇ».
ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەش رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلاردا يۇقىرى باھالىق تويلۇق سېلىش، ئىسراپچىلىق، تويدا ئېغىر چاخچاق قىلىش، سوۋغاتلىقتا بەسلىشىش قاتارلىق ناتوغرا ئىللەتلەر تەرتىپكە سېلىندى. نۇرغۇن يەرلىك قائىدىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، توينى يېڭىچە قىلىش، دەپنە ئىشلىرىنى ئاددىي بېجىرىش قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىنىپ، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ۋە ئاتا-ئانىلىرىمۇ شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، توي مۇراسىمى ياكى تويلۇقلار بىر، ھەتتا ئىككى ئائىلىنى «قۇرۇقداپ» قويۇشى، توي مۇناسىۋىتىگە داغ چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن، پىسخىكا ۋە رېئال بېسىم پەيدا قىلىشى، ھەتتا ئەر-خوتۇننىڭ ھېسسىياتى ۋە ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، «يۈز-ئابرۇي»نى دەپ، ئۆزىگە ئۆزى جاپا سېلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش − بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى. كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شاكىلىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش تەدبىرلىرىنى ئاددىي ھالدا مەجبۇرىي يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى ئادىمىيەت، قانۇن ئىدارە قىلىش، ياخشى ئادەت ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ماھىرلىق بىلەن يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. «يۇقىرى باھالىق تويلۇق» ئالدىدا ھادىسىدىن تۈزەش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيەتتىن تۈزەش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى