مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەتتە خىل ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم

2020.10.13 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تارىخ ھەمىشە مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش جەريانىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. 2020-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بايرىقى روشەن ھالدا بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتقا نەزەر سالساق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئۈچ قېتىملىق سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بار. 2019-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: كەڭ كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار «دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك»، «بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى «كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ‹ئىككى 100 يىل›لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ بۇ يىلقى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: ياش كادىرلار «ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇپ، مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكى»نى تەكىتلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ: ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ يەتتە خىل ئىقتىدارنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزنى بار. باش شۇجى ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كادىرلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۈرلۈك ئىقتىدارلار ئىچىدە سىياسىي ئىقتىدار بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسىي ماھارىتى. ھەر بىر خىل ئىقتىدارغا قارىتا ئۇ تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

  بىز ھازىر زور تۆھپە ياراتقىلى بولىدىغان يېڭى دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. رېئاللىق يېڭى بىر ئەۋلاد مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق ياش كادىرلارنى بوران-چاپقۇندا ئالغا ئىلگىرىلەپ، تاۋلىنىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىشكە چاقىرماقتا. بۇ ھەم ئىدىيە قاتلىمىدىكى سىناق، ھەم ئەمەلىيەت قاتلىمىدىكى چېنىقىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ