مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.10.12 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش ئۈچۈن يېڭى كۈچلەر بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش − پارتىيەنىڭ تەقدىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەسىرلىك ئۇلۇغۋار پىلاندۇر.

  2020-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ياش كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلاش، سىياسىي جەھەتتە چېنىقتۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ توغرا يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەشتىكى شەكىلۋازلىقنى قەتئىي يېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئالدۇرۇش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

  مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى، تارىخ ھامان مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش − ماركسىزمنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا دۆلىتىمىزدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر تەجرىبە − دەل مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خىزمەت ۋەزىيىتىنى ئېچىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتىن ئىبارەت. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ھەر بىر دەۋردە ھامان شۇ دەۋرگە تەۋە مەسىلىلەر بار بولىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئىلمىي تونۇپ، توغرا ئىگىلەپ، توغرا ھەل قىلىدىغانلا بولساق، جەمئىيىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز. ياش كادىرلار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ