خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:
بىرىنچى، لىن سۇڭتيەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
چېن شياۋدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
ئىككىنچى، جاڭ شۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
شياۋ خەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سېنېگال جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
ئۈچىنچى، خۇاڭ چاڭچىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ليۇكسېمبۇرگ كىنەزلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛
ياڭ شياۋرۇڭ (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ليۇكسېمبۇرگ كىنەزلىكىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
تۆتىنچى، لى مىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى