مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، راھماننىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2020.10.13 18:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ راھمانغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان تاغ-دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنىلار، بىر-بىرىنى يۆلەيدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تاجىكىستان مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو تاجىكىستان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ۋە بىخەتەرلىك ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن جاكارلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى. خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۈلگە تۇرغۇزدى. مەن جۇڭگو تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىشنى، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ