مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتايلى

2020.10.09 18:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تۇيۇقسىز باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئالاقە تورى سۇپىسىغا تايانغان يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى بارلىققا كەلدى، كەسىپكارلارنىڭ كۆلىمى تېز كېڭەيدى، شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىشكە تۈرتكە بولدى. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى ئىشقا ئورۇنلىشىش سىغىمى چوڭ، كىرىش-چىقىش بوسۇغىسى تۆۋەن، جانلىقلىقى ۋە قوشۇمچە خىزمەت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ئەمگەككە قاتنىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش رولى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئېلان قىلغان «جۇڭگو ھەمبەھىر ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى (2020)»گە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى سۇپا يېتەكلىگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 78 مىليونغا يەتكەن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەريانىدا، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن جانلىق ئىش ئورنى يارىتىلىپ، بىر قىسىم قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، نۇرغۇن تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان «سۇ كۆلچىكى»، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان «مۇقۇملاشتۇرغۇچ» بولۇپ قالدى.

  يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى − يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىنىڭ مەھسۇلى. ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى سانائەتلەشتۈرۈش ۋە زاۋۇت تۈزۈمى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە كارخانا شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا «تەشكىلسىز» بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ بېقىندىلىق ئالاھىدىلىكىنى ئۆزگەرتتى. تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە، يەر شارى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىپ، كەسىپلەرنىڭ رەقەملىشىش، ئەقلىيلىشىشقا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ ھەمدە يېڭى كەسىپ ئېكولوگىيەسى ۋە كارخانا فورماتسىيەسى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ. بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ