مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ مىڭشەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولدى

2020.10.10 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى قۇرغان شىنجاڭ تىنچلىق تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يۇقىرىقى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ مىڭشەن 9-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. ئاشكارىلانغان قىسقىچە تەرجىمىھالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (قوشۇمچە)، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازىرى، مۇپەتتىش باشلىقى بولغان.

  يولداش ۋاڭ مىڭشەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ مىڭشەن، ئەر، خەنزۇ، 1964-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، گەنسۇ ۋۇۋېيدىن، 1986-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990-يىلى 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، شىنجاڭ داشۆ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ رادىئو كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ