مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.10.09 18:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما بىلەن جۇڭگو-سىنگاپور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن 30 يىلدا، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى دۆلەت ئۆزئارا چۈشىنىپ، قوللاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ، رايون ۋە خەلقئارا قاتلىمىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى قايتا جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت قوش خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. مەن جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. جۇڭگو تەرەپ سىنگاپور تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ