مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ فېڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئىشلىرىنىڭ 50 يىللىقى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مېتېئورولوگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش لازىم

خۇ چۈنخۇا ئالاقىدار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2020.10.12 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل فېڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئىشلىرىنىڭ 50 يىللىقى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: فېڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم بوشلۇق ئۇل ئەسلىھەسى، مېتېئورولوگىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. 50 يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد مېتېئورولوگىيە خادىملىرى بىلەن ئالەم قاتنىشى خادىملىرى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرلىدى، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ پۇقراۋى يىراقتىن سېزىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يەردە، كەڭ مېتېئورولوگىيە ۋە ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، پەن- تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن يامىشىپ، مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، نەتىجىلەردىن پايدىلىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاپەتتىن ساقلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھاياتلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، تۇرمۇشنى بېيىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك!

  فېڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھ ئىشلىرىنىڭ 50 يىللىقى بويىچە سۆھبەت يىغىنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، فېڭيۈن مېتېئورولوگىيە سۈنئىي ھەمراھى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ