مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.10.12 18:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 75 يىل بولغان پەيتتە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن يولداش كومىتېت باشلىقى ھەم سىز ئارقىلىق چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى شەرەپلىك ئۇزاق ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ، 75 يىللىق شانلىق مۇساپىدە چاۋشيەن خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش كومىتېت باشلىقى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقى قەتئىي تەۋرەنمەي سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى ئالاقە، ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يولداش ۋە دوست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشالمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، يولداش كومىتېت باشلىقى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقى جەزمەن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ