مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

داۋالاش تۈرىلىرىنى كېڭەيتىۋېتىش، قالايمىقان ئىشلىتىش قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەڭ

2020.10.13 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جياڭسۇ خۇەيئەندىكى 22 ياشلىق بىر ئەر بويى 1.8 مېتىرغا يەتمىگەنلىكتىن ئۆزىنى كەمسىتىپ، چەت ئەلدە سۆڭەك سۇندۇرۇپ ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندىن كېيىن ئىككى پۇتى ئېغىر يۇقۇملىنىپ، ماڭالماي قالغان. بەلكىم ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولغانلىقتىن، ھازىر خۇەيئەندە داۋالانماقتا. ئىگىلىنىشىچە، «سۆڭەك سۇندۇرۇپ ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسى» توردا ناھايىتى قىزىپ كەتكەن، بولۇپمۇ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. (10-ئاينىڭ 12-كۈنى «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»)

  «ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسى»نىڭ قېلىپلاشقان نامى «مۈچە ئۇزارتىش ئوپېراتسىيەسى» بولۇپ، بۇ بىر خىل ئالاھىدە تۈزەش ئوپېراتسىيەسى. بەزى بىمارلار تۇغما غەيرىيلىك، تاشقى زەخىم، ئۆسمە، يۇقۇملىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆڭەك كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ ياكى مۈچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا مۈچە ئۇزارتىش ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئىشلىتىش دائىرىسى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. سابىق سەھىيە مىنىستىرلىقى 2006-يىلى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مۈچە ئۇزارتىش ئوپېراتسىيەسىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، مۈچە ئۇزارتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ بىر خىل سۆڭەك كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق داۋالاش تېخنىكىسى ئىكەنلىكىنى، تېببىي ھۆسىن تۈزەش تۈرىگە كىرمەيدىغانلىقىنى، تېببىي ھۆسىن تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بۇ تېخنىكىنى قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

  ئەمما، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىمارلارغىلا ماس كېلىدىغان «ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسى» ھەمىشە ئاممىغا ئومۇميۈزلۈك باب كېلىدىغان شەكىل تۈزەش تۈرى قىلىپ پەردازلاندى. تېببىي ھۆسىن تۈزەش ئاپپاراتلىرى سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېگىزلىتىش تۈرىنى قاراتمىلىق ھالدا يولغا قويۇپ، نۇرغۇن پۇل تاپتى.

  «ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسى»نىڭ كېڭەيتىلىپ قالايمىقان ئىشلىتىلىشى سالامەتلىككە ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ. بەزى تېببىي ھۆسىن تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوپېراتسىيە سەۋىيەسى تۆۋەن، دېزىنفېكسىيە قىلىش تەدبىرلىرى ناچار بولۇپ، ئوپېراتسىيەگە ماسلىشىش ئالامەتلىرىنى قاتتىق ئىگىلىيەلمەيدۇ، پەرۋىش قىلىش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەسلىھەلىرىمۇ مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، ئوپېراتسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارغا ناھايىتى زور ئازاب ۋە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. خۇەيئەندىكى بۇ ئەرنىڭ ساۋىقى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئېگىزلىتىش ئوپىراتسىيەسىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتكەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بويىنى ئۆستۈرۈش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، بىر ئۆمۈر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر بولماقتا، بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن ئەرزىمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ