مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

200 يۈەن قەرز ئېلىپ 30 مىڭ يۈەن قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى

ئىناۋەتلىك كارتىنى ئونكول قىلغاندا ئېھتىيات قىلىڭ

2020.10.10 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىناۋەتلىك كارتا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، ئۇ ئەمدى ئېلىمىز بانكىلىرىنىڭ پارچە سېتىش كەسپىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ قالدى ھەمدە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. لېكىن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىش جەريانىدىكى مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلەندى. چۇڭچىڭدىكى تاڭ خانىم يېقىندا ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر جەرىمانىگە دۇچ كەلدى، 10 نەچچە يىل ئىلگىرى تاڭ خانىم بىر ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرگەن ھەمدە 200 يۈەن قەرز بولغان بولسىمۇ قايتۇرمىغان. ھازىر ئۇ بانكىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى، توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى ۋە قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك جەرىمانە ئۆسۈمىنى ھېسابلىغاندا، ئۇ ئەمدى بانكىغا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قالدى.

  200 يۈەن قەرز 10 نەچچە يىلدىن كېيىن 150 ھەسسە ئۆرلەپ 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بانكا ئالغان جەرىمانە ئۆسۈمى ۋە خىلاپلىق قىلىش پۇلى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ بۇنىڭغا قارىتا كەسپى مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر بانكا يۇقىرى جەرىمانە ۋە ئۆسۈم ئالىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئالاقزادە بولۇشنىڭ ھاخىتى يوق، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلسا ياكى قانۇن يۈرگۈزۈش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم ئۆرنىكى بولىدۇ، بانكا قەرزىنىڭ جەرىمانە ئۆسۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بازاردىكى باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتى (LPR) نىڭ تۆت ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەسىلەن، ئەڭ يېڭى بىر يىللىق LPR نىڭ باھاسى %3.85 بوكۇپ، ئۇنىڭ 4 ھەسسىسى %15.4 بولىدۇ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 200 يۈەننىڭ 30 مىڭ يۈەنگە ئۆزگىرىش ئەھۋالى كۆرۈلمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسىمۇ تۆۋەن ئەمەس. شۇڭا كەسپى مۇتەخەسىسلەر پۇل مۇئامىلە ئىستىمالچىلىرىنى ئەسكەرتىپ، كارتا ئىگىسى ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكەندە، مۇناسىپ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن جەرىمانە ماددىلىرىنى بىلىشى، زۆرۈر بولمىغان ماجىرانى ۋە زىياننى ئامال بار ئازايتىشى كېرەك، دېدى.

  پۈتۈن سوممىلىق جەرىمانە ئۆسۈمى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلىدىن باشقا، ئىناۋەتلىك كارتا قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغاندا، ئىناۋەتلىك كارتا ئىگىسىنىڭ ئىناۋەت خاتىرىسىگە تەسىر يېتىدۇ.

  پوچتا ئامانەت بانكىسى خەينەن ئۆلكىلىك شۆبە بانكا ئىناۋەتلىك كارتا بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى جوۋ ۋېيدىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا، بانكا قائىدىسى بويىچە ئادەتتە ئۇنىڭغا ئۈچ كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت ئۇزارتىپ بېرىدۇ، ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتكەن ھامان ئۇ ئىناۋەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىناۋەتلىك كارتىدا قەرز قايتۇرۇشنىڭ ئۇزارتىلغان مۇددىتى ئادەتتە تەبىئىي كۈن بولۇپ، ئۇ خىزمەت كۈنى ئەمەس. جوۋ ۋېيدىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر جۇڭگو بانكىسى، پوچتا پۇل ئامانىتى، خەلق تۇرمۇشى بانكىسى، گۇاڭدا، پىڭئەن، جۇڭشىن، پۇفا، شىڭيې، خۇاشيا قاتارلىق بانكىلار تەمىنلىگەن قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى ئادەتتە ئۈچ كۈن بولىدۇ. ئايرىم سودا بانكىلىرىنىڭ ئاق ئالتۇن كارتىسى خېرىدارلىرىنىڭ مۇددىتى توققۇز كۈن بولىدۇ. شۇڭا، خېرىدارلار چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ نامىدىكى ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنى ياخشى خاتىرىلىشى، قەرەلىنى ھەرگىز ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى كېرەك.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ