مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22-قېتىملىق يىغىنىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلدى

دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

لى جەنشۇ قاتناشتى

2020.10.15 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 22-قېتىملىق يىغىنىنىڭ 14-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلدى، دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاتارلىقلارغا قاراپ چىقىلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى .

  يىغىنغا قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكىلەر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەت بايرىقى قانۇنى ۋە دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەت بەلگىسى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەلىپىدۇر. دۆلەت بايرىقى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە دۆلەت گېربى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ئەمەلىي تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربىنى ئىشلىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆزگەرتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇقرالارنىڭ دۆلەت قارىشىنى كۈچەيتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە پايدىلىق، ئۇنىڭ ئاساسلىق تۈزۈم قائىدىسىنى يولغا قويۇشقا بولىدۇ، ھازىر بۇنى يولغا قويۇش زۆرۈر ۋە مۇۋاپىق، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاش تەكلىپى بېرىلدى.

  سايلام قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسىگە قارىتا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: سايلام تۈزۈمى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئاساسى، سايلام قانۇنى پۇقرالارنىڭ سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىدىغان مۇھىم قانۇندۇر. سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارار تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار لايىھىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرىدىغان تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ