خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قىسمەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ليۇ نىڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جېڭلۇڭ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ نىڭ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى يى ليەنخۇڭ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشىقى جاۋ يىدې ئۆز يېرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى دوكلات قىلدى ھەم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك يېقىنقى بىرقانچە ئايدىن بۇيان دۆلەتنىڭ كۆلەملىك قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ باجنى كېمەيتىپ ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئېففېكتىنىڭ سىجىل روشەنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ، يېڭى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىپ نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغانلىقى ھەققىدە توختالدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى زور قىيىنچىلىق، خىرىس ئىچىدە ئاساسىي ھالەتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ ئېشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.
تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساس ۋە ئاچقۇچ. ھازىر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇھىت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇپ، ئېنىقسىزلىقلار كۆپىيىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن يەنىلا جاپالىق تىرىشىش كېرەك. ھەم ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەم قىيىن مەسىلىلەرنى تولۇق تەھلىل قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىپ ئېشىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش داۋامىدا، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتى، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تايىنىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىلقى ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ