مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا سىن يىغىنى ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىتنى قوغداشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2020.10.14 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مۇھىتنى ئاسراشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش نىشانى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇرلۇقنى ئۇزارتىپ، كەڭلىكنى كېڭەيتىپ، بۇلغىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە، ئاچقۇچلۇق كۆرسەتكۈچلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش يېڭى نىشانى بىلەن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، «14-بەش يىل»لىق كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە كاربون بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مۇھىت كۆزىتىش، ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق قوشۇن جابدۇقلىرى ۋە تېخنىكا كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقتەك مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا «بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەش» مۇھىم، زور تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقىنى ئەڭ چوڭ قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، سۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق شەھەرلەرنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بەيياڭديەننى ياخشى قوغداپ ۋە تۈزەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ