مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11) لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسى: جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىق يېشى قىسمەن تەڭشىلىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدا «جىنسىي ماقۇللۇق يېشى» ئۆستۈرۈلىدۇ، «باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش» قىلمىشى جازالىنىدۇ...

2020.10.14 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىدە مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى. 13-ئۆكتەبىر جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11) لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. قاراپ چىقىلغان نۇسخىدا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىق يېشى قىسمەن تەڭشەلدى، ئالاھىدە ئەھۋالدا «جىنسىي ماقۇللۇق يېشى» ئۆستۈرۈلدى، «باشقىلارنىڭ نامىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش» قىلمىشى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزۈلدى... لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدىكى بىر قاتار يېڭى تۈزىتىش كىرگۈزۈش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  1-قىزىق نۇقتا: جىنايى جاۋابكارلىق يېشى قىسمەن تەڭشەلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 14 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر زوراۋانلىق جىنايەتلىرى دائىم يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايى جاۋابكارلىق يېشىنى تەڭشەش ساداسى كۈنسېرى كۈچەيدى. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11) لايىھەسىنىڭ 2-قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغانلار قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قىلمىشى قەبىھ بولغان بولسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  بۇ، «ئالاھىدە ئەھۋال، ئالاھىدە تەرتىپ» ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، 12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەمدى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىشىلەر توپى بولالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو جىنايى ئىشلار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پېڭ شىنلىن مۇنداق دېدى: لايىھەدە 12 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغانلارغا قارىتا ئايرىم بەلگىلىمە چىقىرىش بىر قەدەر مۇۋاپىق. دۆلىتىمىزدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان جىنايى جاۋابكارلىق يېشى بەلگىلىمىسى تارىخىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، جىنايى ئىشلار سىياسىتى، بالىلارنىڭ يېتىلىش ئەھۋالى، تەربىيەلىنىش ۋاقتى ۋە ئىجتىمائىي كەچۈرمىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندىن كېيىن چىقىرىلغان ھۆكۈم بولۇپ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، بۇنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا، لايىھىدە جىنايى جاۋابكارلىق يېشىنىڭ تۆۋەنلىتىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا قاتتىق چەك قويۇلدى.

  قانۇنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، جىنايى جاۋابكارلىق يېشىنى تۆۋەنلىتىش پەقەت بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ھالقا، يەنە كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك. بىر تەرەپتىن جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى قاتتىق جازالاش، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ روھىي ھالىتى، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارى قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، تەربىيەنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ