خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22- قېتىملىق يىغىنى 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىنغا كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 164 ئەزا يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياڭ بىشىننىڭ پاتېنت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھىنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىغا ئىلھام بېرىش تەدبىرى قوشۇلۇپ، پاتېنت ھوقۇقدارىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئېچىۋېتىش ئىجازىتىنى يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىن بەرگەن جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى قوغداش پىرىنسىپى ۋە جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئېنىق ئورنىتىش، قانۇن جاۋابكارلىقى قاتالىقلار مۇكەممەللەشتۈرۇلدى.
يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇ گۇاڭچۈەن بەرگەن قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 3-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تىرىشچان-ئىقتىسادچىل بولۇش بەلگىلىمىسى قاتارلىقلار كۆپەيتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ