خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتىگە كىرىپ، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەر باشقا ئورۇنغا ئىمتىھان بەرسە بولمايدۇ.
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8:00 دىن 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئىلتىماسى تېخى تەكشۈرۈلمىگەن ياكى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن بولسا، باشقا ئورۇنغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 دىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 18:00 گىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئىلتىماسى تەكشۈرۈلمىگەن ياكى سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن بولسا، باشقا ئورۇنغا قايتا يوللاشقا بولمايدۇ
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 8:00 دىن كېيىن، سالاھىيەت تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا تىزىملىتىش مەخسۇس تور بېكىتىگە كىرىپ، تىزىملىتىش رەت نومۇرىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
ئاممىۋى پەن يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:
11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دىن 11:00 گىچە مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.
11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 17:00 گىچە مۇھاكىمە-بايان ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ.
سەككىز غەيرىي ئورتاق تىل خىزمەت ئورنىنىڭ چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى ۋاقتى: 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 16:00 گىچە.
جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەت ئورنى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەت ئورنى، شۇنىڭدەك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى خەلق ساقچىلىرى خىزمەت ئورنىنىڭ كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى: 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 16:00 گىچە.
ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2021-يىلى 1-ئايدا ئىمتىھان ئېلىش مەخسۇس تور بېكىتىگە كىرىپ، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئەڭ تۆۋەن لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورتاق تىل ئىشلەتمەيدىغان سەككىز خىزمەت ئورنىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىدە، مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى، مۇھاكىمە- بايان، چەت ئەل تىلى سەۋىيە سىناش نەتىجىسى (ئىمتىھان نەتىجىسى بىردەك پىرسەنت تۈزۈمى بويىچە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق بولىدۇ) ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25، %25، %50 نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.
جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەت ئورنى، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىدىكى خىزمەت ئورنىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى، مۇھاكىمە- بايان، كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %25، %25، %50 لىك نىسبەت بويىچە بىرىكتۈرۈلىدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى، مۇھاكىمە- بايان، كەسپىي پەن يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %40، %30، %30 لىك نىسبەت بويىچە بىرىكتۈرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى