شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل ماھارەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە جەڭگىۋار كۈچلۈك قوشۇننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2020.10.14 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 13-كۈنى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى قۇرۇقلۇق ھەم سۇدا ئۇرۇش قىلىدىغان جەڭگىۋار كۈچ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنپەئەتىنى قوغداشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىشتا قوللىنىشنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تىپنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، كۆپ خىل ماھارەتلەر مۇجەسسەملەنگەن، تېز ئىنكاس قايتۇرالايدىغان، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە جەڭگىۋار كۈچلۈك قوشۇننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  كۈزدىكى گۇاڭدۇڭنىڭ چاۋشەن رايونىدىكى تاغ-دەريالار ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن 40 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى ئورگىنىغا باردى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنىپڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ لۈ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئوفىتسېرلىرى ۋە ئورگاننىڭ باشقارما باشلىقىدىن يۇقىرى رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى 2017-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن تەڭشەپ تەشكىللەنگەن. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسى ئارقىلىق، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆپ ۋاسىتىلىق فىلىمنى كۆردى ھەم ۋىدىيو ئارقىلىق ئالاقىدار ۋەزىپە تارماق ئەترىتىنىڭ مەخسۇس مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى تەڭشەپ تەشكىللەنگەندىن بۇيانقى قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ھەم ۋەزىپە ئورۇنلاش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسى، ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجىغا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا، پۈتۈن ئارمىيە بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى، يۆنىلىشى، يولى، مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىلان، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئېنىق قىلىش؛ زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى قۇرۇش يولىدا مېڭىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە، ھازىرنى نىشانلاپ، يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە رېئال ئېھتىياجنى ئەستايىدىل تەتقىق ۋە ھەل قىلىپ، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى قۇرۇلۇشىنى ئەتراپلىق پىلانلاش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ