شېنجېن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، خەن جېڭ قاتناشتى

2020.10.15 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تەڭكەش تۈرتكە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىش ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا باسىدىغان كۈرەش قىياپىتى، بوران-چاپقۇنلارمۇ توسقۇنلۇق قىلالمايدىغان روھىي قىياپەت بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى توختىتىپ قويماي تېخىمۇ يۇقىرى باشلانمىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شېنجېن چيەنخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى. يىغىن مەيدانىغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش يۆنىلىشىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىشقا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشايلى» دېگەن لوزۇنكا ئېگىز ئېسىلغان ئىدى.

  سائەت ئون يېرىمدا يىغىن باشلاندى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. ئۇزۇندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ھەر قايسى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرچىنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە باتۇرانە ئالغا باسىدىغان، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سەلتەنەتلىك سەھىپىنى يېزىپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتقا ۋاكالىتەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىكى بارلىق قۇرۇلۇشچىلار، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى! ھەر قايسى مېھمانلار، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شېنجېن − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يىپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەزدىكى قالتىس نەتىجىسى. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تىرىشىپ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كەينىدە قالغان بىر چېگرا بازارچىسىدىن دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئۆزگىرىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بازارغا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالدى بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ كىرگۈزۈش بىلەن سىرتقا چىقىرىشنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پائال پايدىلىنىپ، يەر شارىنىڭ مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىپ، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى ئاساس قىلىشتىن ئەتراپلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىقلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئالدى بىلەن تاماملاپ، كىيىنىش-تويۇنۇشنى ھەل قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ