مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇڭلار

___ تەيۋەن ئاخبارات تارماقلىرىغا خەت

2020.10.15 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۆلىتىمىز خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ «چاقماق − 2020» مەخسۇس ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئاشكارا خەۋەر قىلدى. ئاشكارىلانغان مەزمۇندىن قارىغاندا، بۇ «2018 − چاقماق ھەرىكىتى»دىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تەيۋەن دائىرىلىرى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىغا قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربىسى بولۇپ قالدى. بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە، تەيۋەن جاسۇسلىرىنىڭ نەچچە يۈز قېتىملىق مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش دېلوسى پاش قىلىنىپ، بىر تۈركۈم تەيۋەن جاسۇسلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر قولغا چۈشۈرۈلدى، تەيۋەن جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ئورۇنلاشتۇرغان نۇرغۇن جاسۇسلۇق ئاخبارات تورى بىتچىت قىلىندى. 2018-يىلىدىكى يۈز نەچچە دىلودىن 2020-يىلىدىكى نەچچە يۈز دىلوغىچە دىلو سانىنىڭ ئېشىشى ئارقىسىدا، تەيۋەن دائىرلىرى ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئەسەبىيلەرچە تىركىشىۋاتقانلىقى، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قارىتا تۈرلۈك ئاخبارات سىڭىپ كىرىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى غالجىرلارچە يولغا قويۇۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

  تارىخىي ۋەزىيەت ناھايىتى زور؛ بويسۇنغانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى: بىز تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق يارىتىشنى خالايمىز، لېكىن ھەر خىل شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايمىز. بىز قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىش ۋەدىسى بەرمەيمىز، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، بۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس. بىز ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن تىنچلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايمىز، لېكىن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ «مۇستەقىللىق»نى كۆزلەپ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى رەت قىلىشىغا، تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان تۈرلۈك تەتۈر ھەرىكەتلىرىگە قارىتا، بىزمۇ چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايمىز.

  تارىخ ئەينەككە ئوخشايدۇ، يىللار ئەلگەككە ئوخشاش تاسقايدۇ. تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلق رايىنىڭ مايىللىقى. بۇ تارىخىي ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار مىللىي ئادالەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، كۈچ چىقىرىپ قىلبداش بولۇپ، بىر مەقسەتتە ئىلگىرىلىسىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىكى ئۇلۇغ شان-شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ