مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەت دەرسىدە نېمە ئۆگىتىش كېرەك؟

2020.10.15 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھەببەتلىشىشنى ئۆگەتكىلى بولامدۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئىلىم جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈم بولمىسىمۇ، لېكىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، مۇھەببەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېقىندا، جۇڭگو ياشلار گېزىتىنىڭ مەكتەپ تاراتقۇسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 1028 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا سوئال قەغىزى تارقىتىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %88.23 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەت دەرسى تەسىس قىلىشنى قوللايدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تېمىلارمۇ قىزىق نۇقتىغا چىقىپ، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە مۇھەببەت دەرسى تەسىس قىلىشتىكى باشلامچى خاراكتېرلىك سىناق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشنى ئەيىبلەپ، ئالىي مەكتەپلەر «بەك كەڭ باشقۇرۇۋالدى»، «توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانمىدى» دەيدىغان ئوبزورلار زور دەرىجىدە ئازايدى. ئامما بارا-بارا ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، يەنى ئالىي مەكتەپ ھەرگىزمۇ ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسەت مەشىق مەيدانىلا ئەمەس، ئالىي مەكتەپ يەنە ياشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى قۇرامىغا يېتىشىگە، ئىجتىمائىيلىشىشىغا ياردەم بېرىدىغان يېتىشتۈرگۈچتۇر. خارۋارد داشۆسىنىڭ داڭلىق «بەخت دەرسى»گە ئوخشاش، مۇھەببەت دەرسىنىڭ ماھىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئوقۇغۇچىلارنى بەختتىن ھوسۇل ئېلىش، بەختنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەشتۇر. تۈرلۈك PUA (قىز كەلتۈرۈش ئۇستىسى) بويىچە پاراڭلىشىش ماھارەتلىرى تارقالغان، ھېسسىيات ئالدامچىلىقى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان، تويدىن ئاجرىشىش نىسبىتى ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالدا ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان مۇھەببەت تەربىيەسى ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا.

  ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئېغىر بولغان ئوقۇش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى ئىگىلەپ، يات جىنسلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش بىلىملىرى «ئۆتۈلمەيدىغان دەرس» بولۇپ قالغان ئىدى. ئاپتور ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، ھېسسىياتنى ئىپادىلەش نامۇۋاپىق بولۇش سەۋەبىدىن مۇۋاپىق تويلىشىش ئوبيېكتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، قارشىلىشىش خاراكتېرلىك ئالاقە سەۋەبىدىن ئۇقۇشماسلىق قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىش ئەھۋاللىرىنى كۆپ كۆرگەن. مۇھەببەت دەرسىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئىپادىلەش ماھارىتى سۆزلىنىدىغان بولۇپ، بۇ، مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەبىئىي تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىيات توسالغۇسىنى پەرقلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئاكتىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈپ، تەپەككۇرنىڭ غەلىتە چەمبىرىكىدىن چىقالماسلىقتىن ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. جەمئىيەتتە تارقالغان PUA (قىز كەلتۈرۈش ئۇستىسى) بويىچە پاراڭلىشىش ماھارەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار: PUA بولسا باشقا ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، روھىي جەھەتتىن كونترول قىلىش، ئالداش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ؛ مۇھەببەت دەرسى چىنلىققا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، كىشىلەرگە چىن كۆڭلىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشنى ئۆگىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ