مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2021-يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش باشلاندى

2020.10.15 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تور بېكىتى 14-ئۆكتەبىر مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2021-يىللىق ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئېلانىنى ئېلان قىلدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 8:00 دىن 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 18:00 گىچە قۇبۇل قىلىش مەخسۇس تور بېكىتىگە تىزىملىتىپ كىرىپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرسا بولىدۇ.

  ئېلاندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېشى 18 ياشتىن يۇقىرى، 35 ياشتىن تۆۋەن (1984-يىلى 10-ئايدىن 2002-يىلى 10-ئايغىچە تۇغۇلغان) بولۇشى كېرەك، 2021-يىلى مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ماگېستىر ئاسپىرانتلار ۋە دوكتور ئاسپىرانتلار (خىزمەتتىكى ئەمەس)نىڭ ياش ئۆلچىمى 40 ياشتىن تۆۋەن (1979-يىلى 10-ئايدىن كېيىن تۇغۇلغان) بولۇشقا كېڭەيتىلسە بولىدۇ.

  مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلاردىكى بىر قىسىم ئالاھىدە خىزمەت ئورنى ۋە كەسىپچانلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان خىزمەت ئورنىدىن باشقا، ئاساسلىقى ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە خادىملار قوبۇل قىلىنىدۇ. شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار ئاساسەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

  شەھەر (ۋىلايەت) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار (جۈملىدىن مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلار)غا %10 تىن %15 كىچە بولغان پىلان تەسىس قىلىنىپ، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقان، باھالاشتا لاياقەتلىك بولغان ئىستۇدېنت كەنت كادىرلىرى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى، «يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»، «ئىستۇدېنت پىدائىيلار غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈر خادىملىرى ۋە ئارمىيەدە بەش يىلدىن ئارتۇق (بەش يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئەسكەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.

  جاپالىق، چەت-ياقا رايونلارغا جايلاشقان ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار (مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «جاپالىق، چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئوقۇش تارىخى تەلىپىنى تۆۋەنلىتىش، كەسىپ شەرتىنى كەڭ قويۇۋېتىش، خىزمەت يىل چېكى ۋە كەچۈرمىشىگە چەك قويماسلىق، يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى ئايرىم بېكىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كىرىش بوسۇغىسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1-سېپىگە ۋە جاپالىق، چەت-ياقا رايونلارغا مايىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ