مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش لازىم

2020.10.16 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 15-قېتىملىق يىغىنىدا: «ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىردىن داۋاملىق، تولۇق، ياخشى پايدىلىنىش كېرەك»، «ئىسلاھاتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. بىز چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، بوران-چاپقۇنغا توسالغۇسىز تاقابىل تۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تەدبىردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئاساسىي قورغان سۇپىسىنى پۇختىلاش، تۈۋرۈكلۈك لىم ئورنىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، يىغىپ ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشكىچە، ئاندىن سىستېمىنى توپلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يول بويى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشكىچە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە پۇختا ئىسلاھات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. نۆۋەتتە، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش يەنىلا بەزى تۈزۈم توسالغۇلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ، كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا چېتىلىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان تەرەققىيات تەكشى بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش لازىم؛ ئىلگىرىكى «كۆپلەپ كىرگۈزۈش، كۆپلەپ چىقىرىش»، «ئىككى بېشى سىرتتا بولۇش»تەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش لازىم؛ ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە قوغداپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، ئىسلاھات ئېنېرگىيەسىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ