مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: تېخىمۇ كۆپ «باھاردىكى ھېكايە»لەرنى داۋاملىق يازايلى

2020.10.16 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 14-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىشتۇر.

  «تېخىمۇ كۆپ ‹باھار ھېكايىسى›نى داۋاملىق يېزىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى، تېخىمۇ چوڭ مۆجىزىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش لازىم!» باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتىدا توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننىڭ يېڭى تەرەققىيات نىشانىنى پىلانلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قاراپ يەنە يولغا چىقىشقا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى.

  40 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شېنجېن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يېپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەز ئۈستىدىكى ئېسىل ئىجادىيىتىدۇر. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېندىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئارقىدا قالغان چېگرادىكى كىچىك بازاردىن دۇنياۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى، ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسىنى ئاساس قىلىشتىن ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا بولغان تارىخىي ھالقىشنى، كىيىنىش-تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە ئۆتۈشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

  شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، 40 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار چوقۇم دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ