مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش لازىم

2020.10.16 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئۈنۈملۈك يولىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش − يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ھەرگىزمۇ بېكىنمە ئىچكى ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىشتۇر. ئىقتىسادشۇناسلىق مەنىسىدىن تەھلىل قىلغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش − دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىش تەقسىماتى سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ۋە خەلقئارا بازارنى تولۇقلىما ۋە مەدەت قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىچىدىكى ئىش تەقسىماتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشنى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلغان ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسىدۇر. خەلقئارا چوڭ ئايلىنىش − خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ۋە خەلقئارا بازارنى ئاساس قىلىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنى تايانچ، خەلقئارا سودا، خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ۋە خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكلى قىلغان، ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك ئاساسىدا ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغان، بىر-بىرىگە تايىنىدىغان ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسىدۇر.

  ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىش مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشى بىلەن تۇتىشىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىمۇ ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئىچكى-تاشقى ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن پايدىلانغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشى ھەرگىزمۇ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، خەلقئارا چوڭ ئايلىنىش قەدىمىنى بېسىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىغا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىڭىپ كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساس قىلىپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىچكى ئىش تەقسىماتى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ۋە خەلقئارا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ