مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئالدامچىلىقى»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا خەلق ئالدىنى ئېلىش ۋە تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش لازىم

2020.10.19 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتە 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئېنىقلاش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 12 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئائىلىلەرگە كىرىپ ئېنىقلاش تاماملانغان ئائىلە سانى 100 مىليوندىن ئاشتى. بىراق، ئالدامچىلارمۇ «نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش»كە كۆز تىكتى، نوپۇس تەكشۈرۈش خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇپ، پۇل-ماللارنى ئالداپ ئېلىۋالدى. يېقىندا، ئايرىم جايلاردا 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى باھانە قىلغان ئالدامچىلىق دېلولىرى كۆرۈلدى.

  ئالدامچىلارنىڭ ئالدامچىلىق ھۈنىرى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلىدىغان ئوبيېكتلاردىن بىۋاسىتە ھەق ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، ئاممىدىن ئۈندىدار، ئەلىپاي، بانكا كارتىسى ۋە كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرى، قىسقا ئۇچۇر دەلىللەش نومۇرىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ شەخسىي مال-مۈلكىنى ئوغرىلايدۇ. ئۈچىنچىسى، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئالداپ ئېلىۋالىدۇ، يەنى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كىرىم ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مۇناسىپ ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئالداپ قارماققا ئىلىندۇرىدۇ.

  نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي سىرىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تارماقلار زۆرۈر ئەسكەرتىش بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئالدىنى ئېلىش بىلەن تېخنىكا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، «نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئالدامچىلىقى»نىڭ ئالدىنى ھەقىقىي ئېلىش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەلەپكە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېتەكچىسى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ تىزىملىغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بىر تۇتاش تارقاتقان خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى، نوپۇس تەكشۈرۈش بەلگىسى بېسىلغان كىيىم كىيىشى لازىم. ئامما بۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كوچا، مەھەللە، ئۆي-زېمىن غوجىلىقىغا تېلېفون قىلىپ، يەنىمۇ ئېنىقلاشقا بولىدۇ. ئالدانغانلىقىنى بايقىغان ھامان، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاش ھەمدە دەرھال 110 غا تېلېفون قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئالدامچىلارنىڭ يولىنى توسۇشقا بولىدۇ. «بېيجىڭ ئىستاتىستىكا» (北京统计) ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى يولغا قويۇلدى، ئامما ئۆزىنىڭ مەھەللىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان بارلىق تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىسىملىكىنى كۆرەلەيدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ كىنىشكىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، سالاھىيىتىنى بېكىتكىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل باشقا جايلارنىڭ ئۆرنەك قىلىپ كېڭەيتىشىگە ئەرزىيدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇش − 7-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان تىزىملاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئامما شەخسىي ئۈندىدارى ئارقىلىق ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلاپ تولدۇرسا بولىدۇ. ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۈندىدار ئەپچىسى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك، بۇنداق قىلىش كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق، شۇنداقلا ئالدامچىغا پايدىلانغۇدەك پۇرسەت قالدۇرمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ