مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك

(شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم)

2020.10.19 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى-تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھە مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى، ئالىملار سۆھبەت يىغىنى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق نۇرغۇن سورۇنلاردا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ، «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش نىشانىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى شارائىتى ۋە تاشقى مۇھىتىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا، نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولىدۇ. يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسنىڭ مەزمۇنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى توغرا تونۇش − پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەتنى يېتىشتۈرۈش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ تۇتىشىشى ۋە ئالاقىسى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىدۇر. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەل ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتۇر. تاشقى مۇھىتنىڭ تېخىمۇ مۇقىمسىزلىقى، ئېنىقسىزلىقى ئېلىپ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلىپى ئالدىدا، بىز سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ مەنبەلىك ئېچىۋېتىش-ھەمكارلىشىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ