مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كۈچىنى تۆھپە قوشايلى

2020.10.19 17:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچىدۇر. نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشتا ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت چوقۇم ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئىشلەش، ھەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ قوشۇمچە ۋەزىپىنى ياخشى ئىشلەش لازىم؛ ھەم ئېشىپ قالغان نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پەقەت تارىنى چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىپ، نىشاننى بېكىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تۈرلۈك خىرىسلارنى يېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن بېكىتىلگەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭگودا 100 مىليون ئەتراپىدا نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلىقنى ئازايتىش نىشانى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بۇ، «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى» ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدىكى جۇڭگو مۆجىزىسىنى يارىتىپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش مۇساپىسىگە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو كۈچىنى قوشىدۇ.

  خەلقئارا جەمئىيەتتىن قارىغاندا، نامراتلىق مەسىلىسى ئىزچىل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان جاھىل كېسەل. نامراتلىقنى تۈگىتىش ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق بۇرچىدۇر. شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىپ، جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ئەمەلىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتىن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكىچە، قان بېرىشتىن قان ئىشلەپچىقىرىشقىچە، يەككە ھالەتتىن كۆپ مەنبەگىچە بولغان ئىزدىنىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلدى. دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئۈستۈنلۈككە ۋە سوتسىيالىزمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە تايانغاچقىلا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 850 مىليون نامرات ئاھالىنى ئازايتىش، يەر شارى بويىچە نامراتلىقنى ئازايتىشقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %70 تىن ئېشىشتەك تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ