شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش لازىم

2020.10.16 18:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، روھلۇق ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور جاسارەت، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  ئالتۇن كۈز پەسىلىدە جەنۇبىي گۇاڭدۇڭ زېمىنىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى ۋە ئۆلكە باشلىقى ما شىڭرۈينىڭ ھەمراھلىقىدا 12-،13-ئۆكتەبىر چاۋجوۋ، شەنتوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى، تارىخىي مەدەنىيەت كوچىلىرى، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «14-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پىلانلاش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ 12-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، چاۋجوۋ شەھىرىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. چاۋجوۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى گۇاڭجى كۆۋرۈكى جەنۇبىي سوڭ سۇلالىسى يىللىرىدا ياسالغان بولۇپ، خەنجياڭ دەرياسىغا سېلىنغان، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، لىملىق كۆۋرۈك، لەيلىمە كۆۋرۈك، ئەگمە كۆۋرۈك بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، «دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئېچىلىش-تاقىلىش شەكلىدىكى كۆۋرۈك» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شى جىنپىڭ كۆۋرۈكنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، كۆۋرۈك راۋىقى، لەيلىمە كۆۋرۈكنى كۆرۈپ، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى مەنزىرىسىگە نەزەر سېلىپ، كۆۋرۈكنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى، گۇاڭجى كۆۋرۈكىنى رېمونت قىلىش، قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گۇاڭجى كۆۋرۈكى تارىختا بىر نەچچە قېتىم قايتا ياسىلىپ ۋە رېمونت قىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ھۈنەر-سەنئىتى ۋە ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مۇھىم تارىخىي، ئىلمىي، بەدىئىي قىممەتكە ئىگە، چاۋجۇ تارىخىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بۇ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش لازىم. زىيادە رېمونت قىلىشقا، زىيادە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئىمكانقەدەر تارىخىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش، خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى مەڭگۈ پاكىز تۇتۇش كېرەك.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ گۇاڭجى كۆۋرۈكى بويىدىكى گۇاڭجى دەرۋازىسىدىن پىيادە ئۆتۈپ، تاش پەلەمپەينى بويلاپ گۇاڭجى راۋىقىغا چىقتى. شى جىنپىڭ راۋاقتىكى كۆرگەزمە زالىدا چاۋجوۋ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىنىڭ ۋارىسلىرى ۋەكىللىرىنىڭ نەق مەيداندىكى ماھارىتىنى كۆردى ھەمدە ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چاۋجوۋنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋجوۋ مەدەنىيىتى روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، لىڭنەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تارمىقى. چاۋجوۋ كەشتىچىلىكى، چاۋجوۋ فارفۇر بۇيۇملىرى، چاۋجوۋ ئويمىچىلىقى، چاۋجوۋ ھەيكەلتىراشلىقى، چاۋجوۋ تىياتىرى ۋە گۇڭفۇ چېيى، چاۋجوۋ قورۇمىلىرى ۋەكىللىكىدىكى چاۋجوۋ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنى پائال تەربىيەلەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ