مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ باۋخۇا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2020.10.19 17:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ باۋخۇا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ليۇ باۋخۇانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ليۇ باۋخۇا، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ نىڭجىن ناھىيەسىدىن، 1984-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 10-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي ئىقتىسادچى.

  1984-يىلى 1-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە سۇچىلىق-ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مىنىستىرلىقى، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان (بۇ ئارىلىقتا، 1987-يىل 8-ئايدىن 1988-يىل 7-ئايغىچە) مەركەز لېكتورلار ئۆمىكى (جياڭشى) پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1990-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسى، خېبېي داشۆسىدە ئوقۇپ، پېداگوگىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن).

  1998-يىلى 7-ئايدىن 2003-يىلى 3-ئايغىچە، دۆلەت ئىقتىساد-سودا كومىتېتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مەھكىمىسى ئىقتىساد تىجارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى تەكشۈرگۈچىسى بولغان.

  2003-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 3-ئايغىچە دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى نازارەتچىلىك كومىتېتى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 2004-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە شىمالىي جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە داشۆسى سودا-سانائەت باشقۇرۇش شۆيۈەنىنىڭ تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش كەسپىدە دوكتور ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان؛ 2008-يىلى 9-ئايدىن 2009-يىلى 1-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)

  2013-يىلى 3-ئايدىن 2013-يىلى 6-ئايغىچە ئاپپارات ئىسلاھاتى مەزگىلىدە تەقسىماتنى كۈتۈپ تۇرغان.

  2013-يىلى 6-ئايدىن 2014-يىلى 5-ئايغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (مەھكىمە-ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك).

  2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى يادرو ئېلېكتىر مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان (2014-يىلى 7-ئايدىن 2015-يىلى 7-ئايغىچە، ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇلۇپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان؛ 2014-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 1-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 63-قارارلىق نازىر، ئىدارە دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  2017-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.

  (قىسقىچە تەرجىمىھالى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى تور بېكىتىدىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ