مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

«يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.10.16 18:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 41-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازاردىن ئىبارەت «ئىككى قول»نىڭ رولىنى ھەمكارلىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش لازىم.

  11 نەپەر ئەزا ۋە تەكلىپلىك ۋەكىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسى، كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشى، ئوبوروت سىستېمىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى. 70 كە يېقىن ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسىدا پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مال ھەقىقىي، باھاسى ئەمەلىي، سۈپىتى ئەلا مەھسۇلاتلار ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئوبوروت سىستېمىسى سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. ئۇزۇندىن بۇيان تەمىنلەش-ئېھتىياج قۇرۇلمىسى تەكشى بولماسلىق، ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئۇچۇرى ئۇدۇللاشماسلىق، ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھەلەر مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايون، پەسىل، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سېتىش قىيىن بولۇش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ