مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىڭىزغا «ياق» دېيىشنى ئۆگىتىڭ

2020.10.19 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا بەھرىمەن بولۇشنى خالايدىغان پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر خاتا قاراش كېلىپ چىقىدۇ، يەنى پەقەت تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنىلا تەكىتلەپ، رەت قىلىشنى ئۆگەتمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ باشقىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەلىپىنى مۇۋاپىق رەت قىلىشنى بىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  بالىلار مۇۋاپىق رەت قىلىشنى بىلمەي، ھەمىشە باشقىلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇۋەرسە، مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق، خۇشامەتچىلىك تىپىدىكى خاراكتېر شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ كۆڭلىدە چەكلىمە يىغىلىپ، مەنپىي ئېنېرگىيە قەلبىگە چىرمىشىپ، ھەمراھلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ... شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا «ياق» دېيىشنى ئۆگىتىشى كېرەك.

  تاللاش ھوقۇقى بېرىش لازىم. دېموكراتىك، ئازادە ئائىلە كەيپىياتى يارىتىش كېرەك، ھەممە ئىشقا ئاتا-ئانىلار ئىگە بولۇۋالماسلىق لازىم، بەزى ئىشلاردا ئاتا-ئانىلار دائىرە بەلگىلەپ، بىر قانچە تاللاش تۈرى بىلەن تەمىنلەپ، بالىسىنىڭ ھەرقايسى تاللاشنىڭ پايدا-زىيىنىنى تەھلىل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، تاللاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھوقۇقىنى بالىسىغا تاپشۇرۇش كېرەك. بالا ئاتا-ئانىسى ئارزۇ قىلغان تاللاشنى چىقارمىغاندا، بالىسىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى، بالىسىنى تاللاش ھوقۇقىدىن زورلۇق بىلەن مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك.

  تەڭ بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئۈچ پىرىنسىپىنى ئۆگىتىش لازىم. بىرىنچىسى، تەڭ بەھرىمەن بولۇشنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك، ھەرقانداق نەرسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋەرگىلى بولمايدۇ، تەڭ بەھرىمەن بولۇش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولۇۋەرمەيدۇ؛ ئىككىنچىسى، تەڭ بەھرىمەن بولۇشمۇ ئۆز رازىلىقى بىلەن بولۇش كېرەك، بالىنىڭ ئارزۇسىغا بويسۇنۇش لازىم، بەزى نەرسىلەرنى ھەمبەھىرلەشنى خالىمىسا، بالىنى مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. ئۈچىنچىسى، تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا ئۆز ئەھۋالىغا قاراش لازىم، بالىلارنى باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتا ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىپ، باشقىلارغا چەكسىز ياردەم قىلماسلىققا يېتەكلەش لازىم.

  نەرسە ھوقۇقى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىغا ئۆزىنىڭ نەرسىسىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ نەرسىسىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. باشقىلار بالىنىڭ نەرسىلىرىگە ھەددىدىن زىيادە تەلەپ قويغاندا، بالىغا رەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتىش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارغا باشقىلارنىڭ نەرسە ھوقۇقى ئېڭىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى، باشقىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى خالىغانچە ئالماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتىش لازىم.

  تۆۋەن چەك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىنىڭ ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى، نېمىنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، كۆڭلىدە تۆۋەن چەك بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش لازىم. ئەگەر باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ ئۆزىنىڭ تۆۋەن چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، بالىنىڭ رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىش كېرەك.

  رەت قىلىش ماھارىتىنى ئۆگىتىش لازىم. ئەپچىللىك بىلەن مۇھىت يارىتىپ، بالىلار بىلەن مەشىق قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بالىنىڭ ساۋاقدىشى ئويۇن ئوينىماقچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ تاپشۇرۇقىنى بالىڭىزنىڭ ۋاكالىتەن ئىشلەپ بېرىشىنى ئېيتسا، بالىڭىز سىپايىلىق بىلەن رەت قىلىپ: «بۇنداق قىلساق ياخشى بولماس؟ مۇئەللىم بايقاپ قالسا بىزنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ، ئاۋۋال تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپ ئاندىن ئوينايلى»، دەپ سىپايىلىق بىلەن رەت قىلسا بولىدۇ. يەنە مەسىلەن، بالىڭىز يېڭى ئويۇنچۇق سېتىۋالغاندا، ساۋاقدىشى كېلىپ ئويۇنچۇقىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئوينىماقچى بولسا، بالىڭىزغا: «مەن بىر نەچچە كۈن ئوينىۋېلىپ، ئاندىن ساڭا بېرىپ تۇراي»، دېيىشنى ئۆگەتسىڭىز بولىدۇ. باشقىلارنىڭ نامۇۋاپىق تەلىپىنى رەت قىلغاندا، مۇۋاپىق سەۋەبنى ئېيتىپ، سىپايە تەلەپپۇزدا رەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ