مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو-ئېكۋاتور گۋىنىيەسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

شى جىنپىڭ ئېكۋاتور گۋىنىيەسى زۇڭتۇڭى ئوبئان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2020.10.16 18:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ئۆكتەبىر ئېكۋاتور گۋىنىيەسى زۇڭتۇڭى ئوبئان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئېكۋاتور گۋىنىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئېكۋاتور گۋىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇقىغا يېڭى مەزمۇن قوشتى. مەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئوبئان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئېكۋاتور گۋىنىيەسى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ئوبئان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، باشتىن-ئاخىر ئۆز-ئارا چۈشىنىپ، ئورتاق ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا ياردەم بەردى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئېكۋاتور گۋىنىيەسى جۇڭگو بىلەن ئوخشاش تارىخىي قىسمەتكە ئىگە، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت زور خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، ئىككى دۆلەت ئورتاق مەيداندا تۇرىدۇ، كۆپ تەرەپلىك، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىنى قوغداپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدايدۇ. ئېكۋاتور گۋىنىيەسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن رازى، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ