مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىقتىسادىي نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلمىي قوللانما

2020.10.19 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھە مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى − قانداق قىلىپ ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق زور مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بەرگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىساد نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلمىي قوللانمىدۇر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق − ماركسىزمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدىكى زۆرۈر دەرسلىك». «بەزىلەر ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ‹كاپىتال›نىڭ ۋاقتى ئۆتتى، دەپ قارايدۇ. بۇ يەكۈن ئۆز بېشىمچىلىق، شۇنداقلا خاتا». ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش نېگىزىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش − بىزنىڭ ئىلمىي بولغان ئىقتىسادىي ئانالىز ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىمىزگە، ئىقتىسادىي ھەرىكەت جەريانىنى بىلىشىمىزگە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە توغرا جاۋاب بېرىشىمىزگە پايدىلىق.»ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش تۈپ مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ؛ دىئالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرىدۇ؛ ئەمەلىيەت بىرىنچى دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانى ئىلمىي چۈشەندۈرۈش ۋە دۇنيانى پائال ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشتا، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئاساسىي قائىدىلەر ۋە مېتودولوگىيەدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيەت تەرەققىياتى ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ