مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ۋە تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى

2020.10.09 18:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئاجايىپ بەش يىل بولدى. مۇرەككەپ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىلمىي تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ۋە تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  ئېلىمىز پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدۇ. ياسىمىچىلىق − دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش − ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم يۈزلىنىشى. زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككى ئومۇمىيەت»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا كۆڭلىمىزدە سان تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى ۋە تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم، جەمئىيەت تىنچ، ئىناق بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ