خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھە مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ: «بىز ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مېتودولوگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك»، دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ساھەسىدىكى نەزەرىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو ئەمەلىيىتىدىن چىقىپ، جۇڭگو ئەمەلىيىتىگە قايتىپ، ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىغا يېزىپ، نەزەرىيە ۋە سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش − نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەن قۇرۇلۇشى ۋە دەرسلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى ۋە مۇھىم مەزمۇنىدۇر.
ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تۈپ مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش − ماركسىزمنىڭ تۈپ مەيدانىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى − جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتۇر. ئېلىمىز ئىقتىسادشۇناسلىرى ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تۈپ مەيدانىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پەن قۇرۇلۇشى ۋە دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ