مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەش لازىم

2020.10.09 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك». دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى مۇھىتتا يۈز بەرگەن چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر ئالدىدا، پەن تەتقىقاتنىڭ يۇقىرى، سەرخىل تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، قوللىنىش ئاساسى تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات يوللىرىنى ئېچىشتا كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى پۇختىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پەن-تېخنىكا رىقابىتى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدۇر. پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇساپىسى شۇنى كۆرسەتتىكى كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئالىي كەسپىي مائارىپ ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتارلىقلار يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىدۇر.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىملار بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، «بىزنىڭ نۇرغۇن كەسىپ زەنجىرىمىز، تەمىنلەش زەنجىرىمىز پەن- تېخنىكىنىڭ ھەل قىلىش لايىھەسىگە موھتاج، بۇنداق ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەمىنلىيەلەيدىغىنى پەقەتلا بىرىنچى سەپتىكى مىليونلىغان پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە بازار سۇبيېكتلىرىدۇر». پەقەت ئالىملار بىلەن كارخانا خادىملىرى ئارىسىدا قىلچە ئەندىشىسىز ھالدا تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىش، ئىدىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىدىن ۋاقتىدا بەھرىلەنگەندىلا، ئاندىن قوللىنىشچان ئاساسىي تەتقىقات ۋە يېڭى تېخنىكا قاتارلىق نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتىكى قوش يۆنىلىشلىك چەكلەش ۋە قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى تولۇق يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا مۇھتاج.

  كارخانا − ئەڭ جانلىق يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتى. پەن-تېخنىكا تەرەققىيات تارىخىدا، نۇرغۇن پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كارخانىلار تاماملىغان، نۇرغۇن ئاساسىي تەتقىقاتلاردىكى يېڭىلىق يارىتىشمۇ كارخانا ئارقىلىق مەھسۇلاتقا ئايلانغان. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش − جۇڭگونىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ