مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، كۈرەش روھىنى مەڭگۈ ساقلاش

___ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتنى ئېچىش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭ قىلىش كېرەك (4)

2020.10.09 18:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  قانچە ئۇلۇغ ئىش بولسا، شۇنچە جاپا-مۇشەققەتلىك ۋە خەۋپ-خەتەرگە تولغان بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى پۈتۈن پارتىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «بىز دۇچ كەلگەن تۈرلۈك كۈرەش قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ»، دېگەن ئىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، مەيلى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بولسۇن ياكى كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش جىددىي ۋەزىيىتى بولسۇن ۋە ياكى كەسكىن تاشقى مۇھىت بولسۇن، ھەممىسىلا بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ئاسان بولمايدۇ، ئۇنى داقا-دۇمباق چېلىپلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش شەرت. ھازىر ئېلىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇرماقتا، ئىسلاھات، تەرەققىيات − قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز دۇچ كەلگەن زور كۈرەش ئاز بولمايدۇ، چوقۇم جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز كېرەك.

  كۈرەش قىلىشقا، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روشەن سىياسىي خىسلىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ سىياسىي ئۈستۈنلۈكىمىزدۇر. بەزىلەر مۇنداق بىر قانۇنىيەتنى بايقىغان: قانچىكى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنسېرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شۇنچە ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ، ئاممىنى شۇنچە جەلپ قىلىپ، پائال يېقىنلاشتۇرالايدۇ. سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەر قېتىم خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلگەندە، كوممۇنىستلار خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەيدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەندە، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار «مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن ئاۋۋال چىقىمەن» دېگەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ساداسىنى ياڭرىتىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى؛ كەلكۈن ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، سۇ ئورنى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن ھالقىلىق پەيتتە، جايلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىگە تېز سۈرئەتتە يىغىلىپ، كەلكۈن پەللىسى بىلەن ئېلىشىپ، بوران-چاپقۇن بىلەن تىركەشتى. قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا، شۇ يەردە پارتىيەلىك كادىرلار بار؛ قەيەردە ئېھتىياج بولسا، شۇ يەردە پارتىيە بايرىقى لەپىلدەيدۇ، پارتىيە گېربى چاقناپ تۇرىدۇ. دەل كوممۇنىستلارنىڭ مۇشۇنداق روشەن سىياسىي خىسلىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئاممىسى خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان تايانچقا ئىگە بولدى، ئامما «پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»نىڭ كەلگۈسىنى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ