مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇش لازىم

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.10.09 18:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت. باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

  2014-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك − شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە ئاساسەن چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمى بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ جاپالىق تىرىشىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭ خىزمىتىدە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئۇدا ئۈچ يىل توققۇز ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى (ۋەقەسى) يۈز بەرمىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى تامامەن توغرا، شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. زىددىيەت ھامان ئاساسىي زىددىيەت ۋە ئىككىنچى ئورۇندىكى زىددىيەتكە بۆلۈنىدۇ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولغاندىلا، ئومۇمىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ باش نىشاننى چىڭ تۇتقاندا، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق-مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئاممىنى بېيىتىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ