مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2020.10.09 18:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى تەتۈر ئېقىمغا دۇچ كېلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى بويىچە يامراش قاتارلىق زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا قارىتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، سودا تارماقلىرى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ئوچۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىلھامى چوڭقۇر بولدى

  13-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىش نەزەرىيەسىدە سىجىل يېڭىلىق يارىتىلدى، ئېچىۋېتىش تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا مۇھىم تەجرىبىلەر توپلاندى.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ سىياسەتنى بېكىتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي دىسكىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  14-بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلى − ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان تۇنجى بەش يىل بولىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، ياخشى قەدەم تاشلاش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ