مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەيلى

2020.10.09 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پۈتۈن يىللىق تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسى 2 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە تەتقىقات خىراجىتى سېلىنمىسىدا 2-چوڭ دۆلەتكە ئايلاندۇق؛ يەر شارى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى ئۇدا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، دۇنيا بويىچە 14-ئورۇنغا ئۆتتۇق... «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىگە قارايدىغان بولساق، بىر قاتار ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقاندىلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان «تۇتقا»نى تۇتقىلى بولىدۇ. ئەگەر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتالمىساق، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەس بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىي رىقابىتىدىكى ئەۋزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا چەكلىمىگە ئۇچراشتەك بىخەتەرلىك خەۋپ خەتىرىگە دۇچ كېلىمىز. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان بىرىنچى بايلىق قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇش كېرەك»، دېگەن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىنى چىقارغان ئىدى. بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى زادى قانداق بولدى؟ يېقىندا بېيجىڭ، شېنجېن قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىلەن قىلغان زىيارەت ۋە سۆھبەتتە، ئۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن روھلانغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش تۇپرىقىغا ئىشەنچى كامىل ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستىقبالىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىش − يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقان سودا مۇھىتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىلىق يارىتىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىدىكى ئەڭ ياخشى تۇپراقتۇر. مەۋقەنى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارزۇسى بار ھەر بىر ئادەمنى دىققەتنى يېڭىلىق يارىتىشقا مەزكەزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەر بىر يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتقاندا، بىز چوقۇم كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ