مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەكىلۋازلىقنى يىلتىزىدىن تۈزەش لازىم

2020.10.09 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، دائىم ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك»، دەپ تەكىتلىدى. بۇ يىل 4-ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىلەرنى داۋاملىق ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى بەزى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە، يەنە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاشتى، تېخىمۇ ياخشى ئىستىل بىلەن خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  قاتتىق تۈزەش ئارقىلىق، بولۇپمۇ بۇلتۇر «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»نى تەسىس قىلىش، بۇ يىل مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرى چەكلىنىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىنى بۇزۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇنىڭغا چوقۇم بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، قەتئىي ئۈزۈل-كېسىل تۈزىتىشىمىز كېرەك. ياخشى ئىستىل ۋە ياخشى ئادەتنىڭ شەكىللىنىشىگە بىر جەريان كېتىدۇ، كونا ئىللەتلەرنى توختىماي تۈگىتىپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش يېڭى ئىستىلىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.

  شەكىلۋازلىق بارمۇ-يوق؟ بۇنىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئەڭ بەك پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. قارارنى تۈزۈشتىن سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقىچە، ئاندىن باھالاش، نازارەت قىلىشقىچە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى خەلقنى مەركەز قىلىپ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ