مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز پومپېئونىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك «يالغان خەۋەر»لىرىنى ئەيىبلەپ، ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان، دېدى

2020.07.06 17:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 3-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پومپېئو قاتارلىق ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە قايتا-قايتا سەپسەتە تارقىتىپ، ھەر خىل «يالغان خەۋەر»لەرنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى سەۋەبسىز ئەيىبلەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 1-چېسلا، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېئو بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئاتالمىش ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىغا قاتناشقان تەمىنلەش زەنجىرىگە ئالاقىدار خەۋپ خەتەرگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ شىنجاڭ ۋە جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېيىلگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ بەزى ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى ئاساسسىز ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، پاكىتقا ئېغىر خىلاپلىق قىلىنغان. شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرى جۇڭگودىكى كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەممىسىنىڭ كەسىپ تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ، قەيەرگە بېرىش، خىزمەت قىلىش ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولىدۇ، كىشىلىك ئەركىنلىكى ئەزەلدىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، دىنىي ئېتىقادى، تىل-يېزىقى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ؛ ئالاقىدار كارخانىلارمۇ ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرىغا ياخشى خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىش، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا ئاساسەن پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەمگەك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

  جاۋ لىجيەن: «2018-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 151 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ كەلدى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يىللىق كىرىمى 45 مىڭ يۈەنگە يەتتى، ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇڭا، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» نەدىكەن؟ دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن ھەدەپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە «كۆڭۈل بۆلدۇق» دەۋېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا بېسىم ئىشلىتىشى بۇ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان، جۇڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان ساختىپەزلىكى ۋە رەزىللىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنى پاكىتقا ھۆرمەت قىلىپ، ئاداۋەتتىن ۋاز كېچىشكە، سىياسىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىپ، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزى پايدا ئالمايدىغان خاتا سۆز-ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا كاشىلا قىلىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداش ئىرادىسى تەۋرەنمەيدۇ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق سۇيىقەست ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ